ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ئەمەلدار تەڭشەش دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.12.01

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 28-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندا بىر قاتار كىشىلەرنى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەر ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن يۈسۈپجان مەمەت ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان. 1968-يىلى تۇغۇلغان يۈسۈپجان ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ نازىرى، شىئەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ، 2021-يىلى ئۆكتەبىردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئەركىن تۇنىياز تېخىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىس بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە شىئەن شەھىرىدىن يۆتكەپ كېلىنىشى، بۇ ھەقتىكى ئوخشىمىغان تەخمىنلەرنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا «تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا-ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇنجان ئېلىنىڭ ئورنىغا قۇربانجان قۇتلۇق يېڭىدىن نازىرلىققا تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئەنۋەر ئىبراھىم ۋە ئابلىكىم ئەزىز ئايريم-ئايريم ھالدا مائارىپ نازارىتى ۋە مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.

ھەرقايسى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپلىگەن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار ئۆتكەن بىرنەچچە يىللىق سىياسىي باستۇرۇش جەريانىدا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ياكى «پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش» دېگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن قولغا ئېلىنغان ھەمدە ئوخشاش بولمىغان قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى چېن پوكوڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى سابىق رەئىس نۇر بەكرىنىڭ قولغا ئېلىنىش ھەمدە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان ھېچقانداق ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرغا ئىشىنىپ باققان ئەمەس. ئۇلارنىڭ رولى تۈگىگەندە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارنى كۆزدىن يوقىتىپ كەلمەكتە،» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.