چىرا ناھىيەسى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى 60مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشنى پىلان قىلغان
2017.05.14
ئۇيغۇر رايونى دائىرلىرى 10-ماي كۈنى مەخسۇس تېلېۋىزىيە يىغىنى چاقىرىپ، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدىكى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 100 مىڭ ئادەمنى ئۈچ يىل ئىچىدە تەشكىللىك تۈردە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئەمما، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدكى زاۋۇت-فابرىكىلارغا يۆتكەپ ئاپىرىپ ئىشلىتىش كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.بىراق، خىتاي مەتبۇئاتلىرى يېقىندىن بۇيان مەلۇم ساندىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۇيغۇر رايونى ئىچىدىكى بەزى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا.
بۇ يىل ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ سانى 28 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، «تەڭرىتاغ تورى»نىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، چىرا ناھىيەسى بۇ يىل يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سانىنى 60 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشنى پلان قىلغان. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىيەتتە چىرا ناھىيەسىنىڭ ئاھالىسى 130 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، چىرا ناھىيەسىنىڭ مەزكۇر پىلانى بۇ ناھىيەدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرسىتىدىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا چىرا ناھىيەسنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىدىن كەلگەن 200 ئارتۇق ئەمگەكچىنى خىتاي نېفىت گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ پوسكام بازىسىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بىراق، مەزكۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مائاش،تەمىنات ۋە باشقا پاراۋانلىق كاپالەتلىرىنىڭ بۇ نېفىتلىكتىكى ئىشچىلار ۋە كادىرلار بىلەن بولغان پەرقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. لېكىن مەزكۇر «ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى» سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدىكى مۇراسىمدا خىتاي دۆلەت بايرىقىغا قاراپ،:«دۆلەت قانۇنى ۋە نىزاملىرىغا قەتئىي رىئايە قىلىمەن!»، «ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن!»، «ئەمگەك شەرەپلىك، ھالال ئەمگەك بىلەن بېيىيمىز!» دەپ قەسەم بەرگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش «سىياسىي ۋەزىپە» دەپ باھالانغان ئىدى.