خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى داۋاملىق كېڭەيتمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.10.27

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت، تەبىئىي گاز، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ۋە يېڭى ماتېرىياللار قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپلا قالماي، يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىمۇ داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ «دۆلەتلىك ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەبلەغ سالغان ئىككى يېڭى ئېنېرگىيەقۇرۇلۇش تۈرى 24-ئۆكتەبىر كۈنى بىرلا ۋاقىتتا ئىش باشلىغان. بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى، ئۈرۈمچىدىكى 600 مىڭ كىلوۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيەيورۇقلۇق باتارېيىسى قۇرۇلۇش تۈرىنى ۋە قۇمۇلدىكى بىر مىليون كىلوۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيەيورۇقلۇق باتارېيىسى قۇرۇلۇش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

2016-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە ھەل قىلغۇچ ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىش، شۇنىڭدەك مەجبۇرى ئەمگەككە يوللىنىشقا باشلىغان. شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونى ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر رايون يەنە خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 27-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى 600 مىڭ كىلوۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيە فوتوۋولت (نۇر ۋولت) قۇرۇلۇش تۈرى ئۈرۈمچى مىدوڭ رايونىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جاي قۇربان توڭغۇت چۆللۈكىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە توغرا كېلىدىكەن.

قۇمۇلدىكى بىر مىليون كىلوۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيە يورۇقلۇق باتارېيىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈرۈمچى مىدوڭ رايونىدىكى قۇرۇلۇش بىلەن قوشنا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. دائىرىلەر ئۈرۈمچى مىدوڭ رايونىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىغا 7 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغانلىقى، 105 مىڭ مو كۆلەمدىكى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يىلىغا 2 مىليارد 850 مىليون كىلوۋات توك چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دائىرىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، قۇمۇلدىكى بىر مىليون كىلوۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيە يورۇقلۇق باتارېيىسى قۇرۇلۇشى يىلىغا ئىككى يېرىم مىليارد كىلوۋات توك چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ لىنىيە «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش توك يولى» نىڭ بىر قىسمى بولغان قۇمۇل-جېڭجې 800 كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىگە ئۇلىنىدىكەن. يېقىندا دائىرىلەر بۇ يىل ئۇيغۇر رايونى «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش لىنىيەسى» ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە جەمئىي 103 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات توك يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.