ئەنەس كانتەر 2022-يىللىق جاسارەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.02.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

25 خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ بىرلەشمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان «جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنى» ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئامېرىكالىق ۋاسكېتبول چولپىنى ئەنەس كانتەر فىرىدومغا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

«جەنۋە باشلىقلار يىغىنى» بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «NBA تەنھەرىكەتچىسى ۋە پائالىيەتچى ئەنەس كانتەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىغا قارشى سۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى خەۋپكە ئاتتى» دەپ تەسۋىرلىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنەس كانتەر «2022-يىللىق جاسارەت مۇكاپاتى» نى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن 6-ئاپرېل كۈنى جەنۋەدە چاقىرىلىدىغان 14-نۆۋەتلىك جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ھىلېل نېئېر مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئەنەس كانتەرنىڭ لىبېرال خەلقئارا تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق فوندى ۋە شۇ قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن قەھرىمانلارچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن تاللانغانلىقىنى ئېيتقان.

ئەنەس كانتەر فىرىدوم ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، نورۋېگىيە پارلامېنتى ئەزاسى تەرىپىدىن 2022-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنىدى.

ئەنەس كانتەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىپ، خىتايغا قارشى پائالىيەتلەردىكى بايراقدار بولۇپ قالغانىدى. يېقىندا ئۇنىڭ «بوستون كلېتلىقلار» كوماندىسىدىن «خيۇستون راكېتاسى» كوماندىسىغا ئالماشتۇرۇلۇش جەريانىدا تۇيۇقسىز «خيۇستون راكېتاسى» كوماندىسى تەرىپىدىن توختامىنىڭ بىكار قىلىنىشى NBA كوماندىسىنىڭ خىتايغا تېز پۈكۈشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان دەپ قارالغان. ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى NBAنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ باياناتلارنى ئېلان قىلغان بولسا، 30 دىن ئارتۇق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى «بوستون كلېتلىقلار» كوماندىسىغا خەت يېزىپ ئۇنىڭ توختامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئەنەس كانتەرنىڭ مەنپەئەت ئورنىغا ھەققانىيەتنى تاللاپ، «تارىخنىڭ توغرا سەھىپىلىرىدە يەر ئالغانلىقىنى»، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ نوبېل مۇكاپاتى نامزاتلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنەس كانتەر 23-فېۋرال كۈنى يەنە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەنمۇ سىن ئارقىلىق كۆرۈشۈپ سۆھبەتتە بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.