ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاب كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئادەتتىكىدەك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «خىتاي كورونا ۋىرۇسىنىڭ قانداق تارقالغانلىقى، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بار-يوقلۇقىغا دائىر قىيىن سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك» ئىكەن. دومىنىك رائاب بۇ سۆزلەرنى 16-ئاپرېل دوۋنىڭ كوچىسىدىكى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا تەكىتلىگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دومىنىك رائاب خىتاي بىلەن قانداق ھېسابلىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «شۈبھىسىزكى، بۇ كرىزىستىن كېيىن بىز ئادەتتىكىدەك مۇناسىۋەت قىلالمايمىز. بىز بۇ ۋىرۇسنىڭ قانداق تارقالغانلىقى، ئۇنى قانداق قىلىپ بالدۇرراق توختاتقىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە قىيىن سوئاللارنى سورىشىمىز كېرەك»، دېگەن. دومىنىك رائاب، بۇ سۆزلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىن تارقالغانلىقىنى رەت قىلسىمۇ، لېكىن ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنىدىن تارالغانلىقىغا دائىر دەلىللەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان مەزگىلدە قىلدى.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دىپلوماتلىرى 2018-يىلى ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنىنى تەكشۈرۈپ، ۋاشىنگتونغا يوللىغان دوكلاتىدا، ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى، بۇ ۋىرۇسنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى شۇنداقلا مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدە چاتاق بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىكەن.