تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دېيۋىد لامىي خىتاي زىيارىتىدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.10.09

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دېيۋىد لامىي (David Lammy) كېيىنكى ھەپتىدە خىتاي زىيارىتىگە بارىدىغان بولۇپ، زىيارەت ھارپىسىدا ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىغا دۇچ كەلدى.

«كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ 9-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان دېيۋىد لامىي 2024-يىلى ئىيۇلدىكى ئومۇمىي سايلامدا يېڭىپ چىقىشتىن ئىلگىرى «ناۋادا بىز سايلامدا يەڭسەك ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي جاكارلايمىز» دېگەنىكەن.

بۇ قېتىم ئەنگلىيەدىكى ئاساسلىق پارتىيەلەردىن بولغان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا باش ۋەزىر نامزاتى بولغان كېر ستارمېر (Keir Starmer) بىلەن بىرلىكتە «سايلامدا يەڭسەك ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە قايتىدىن قاراپ چىقىمىز، شۇنىڭدەك شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىمىز» دەپ ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق يېتەكچىلىرىدىن ئىئان دۇنكان سىمىس (Iain Duncan Smith) يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئەڭ كۈچلۈك سۆز قىلىۋاتقان سىياسىيونلاردىن بىرى بولۇش سۈپىتىدە، «دېيۋىد لامىي ئۈچۈن كېيىنكى ھەپتىلىك زىيارەت ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى» دېگەن.

ئەنگلىيە ئاخبارات ساھەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېيۋىد لامىي نۆۋەتتە خىتاي بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتنى تەڭشەشنى باش ۋەزىپە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بەكمۇ چوڭ تىل قىسىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز ھەر ئىككى تەرەپ قوشۇلمايدىغان مەسىلىلەردە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرىمىز. خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز خىرىس، رىقابەت ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا بەرپا قىلىنىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دېيۋىد لامىي ئىلگىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىكەن. ئەنگلىيە پارلامېنتى 2021-يىلى ئاپرېلدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە رەسمىي قارار ئالغان بولسىمۇ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە ئىزچىل سۈكۈت قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.