ئەنگلىيە تېھراندا 4 يىل تاقالغان ئەلچىخانىسىنى قايتا ئاچتى


ئىران بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى دىپلوماتىيىلىك ئۇچرىشىشلار ۋە سۆھبەتلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئىران ھۆكۈمەتلىرى ئۆز دۆلەتلىرىدە بىر - بىرىنىڭ ئەلچىخانىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قايتا ئېچىشقا پۈتۈشكەن. نەتىجىدە، يەكشەنبە كۈن ئەنگلىيىنىڭ تېھراندىكى ئەلچىخانىسى رەسمىي يوسۇندا ئېچىلغان.

ئەنگليە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئىرانمۇ لوندوندا ئەلچىخانىسىنى قايتا قاچقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئېچىلىشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىللىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئەنگليە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى پىلىپ ھاممموند قاتنىشى سۆز قىلغان.

ئەنگلىيىنىڭ ئىراندىكى ئەلچىخانىسى 2011 - يىلىدىكى نامايىش ۋە ھۇجۇملار سەۋەبىدىن تاقالغان ئىدى.