ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى بىلايىر ماكدوگال: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ۋە ھەرىكىتىمىزنى تەلەپ قىلىدىغان كىرىزىستۇر

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى بىلايىر ماكدوگال (Blair McDougall) ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئارانىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاشقا تېگىشلىك بولغان بىر كىرىزىسلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئەنگلىيەدىكى سىياسەتچىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن 20-فېۋرال كۈنى تارقىتىلغان ۋىدىيودىن قارىغاندا، پارلامېنت ئەزاسى بىلايىر ماكدوگال مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى رەھىمە مەھمۇت خانىم بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن:

«مەن ھەر بىر پارلامېنت ئەزاسىغا شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى، قوللىشىڭىزنى كۆرسىتىڭ، رەھىمە ۋە باشقا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇڭ. بۇ بىزنىڭ بىر رەھبەر، ئىتتىپاقداش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچى سۈپىتىدە كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرىدىغان پەيتتۇر. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ۋە ھەرىكىتىمىزنى تەلەپ قىلىدىغان كىرىزىستۇر.»

پارلامېنت ئەزاسى بىلايىر ماكدوگال سۆزىدە يەنە، «رەھىمە ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش ئارقىلىق بىز، ئەنگلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھەرگىز سەل قارىمايدىغانلىقى، ئەركىنلىكنىڭ ئادالەت پىرىنسىپى ئاساسىدا قۇرۇلغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى ۋە ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقانلارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك سىگنال ئەۋەتەلەيمىز» دېگەن. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن «ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى ھەربىر ئەزانىڭ سىياسىي كۆز قارىشى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قوللىشىنى ئىپادە قىلىشقا، تارىخنىڭ توغرا سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىشكە ۋە ئۇيغۇرلارغا ئادالەت ئېلىپ كېلىشكە» چاقىرغان.

ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەزاسى بىلايىر ماكدوگال ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇشقا چاقىرىپ كۆپ قېتىم سۆز قىلغان ئىدى.