ئەنگىلىيە-خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلماقچىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.02.10

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 13-فېۋرال لوندوننى زىيارەت قىلىپ، ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار ۋەزىرى دەيۋىد لامى (Davhd Lammy) بىلەن خوڭكوڭ مەسىلىسى، ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەردىن يىرىكلىشىپ كەتكەن مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىك ھەرىكەتلەردە بولماقتىكەن.

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كېئىر ستارمېرنىڭ باياناتچىسى 10-فېۋرال مۇخبىرلارغا ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا خەۋپسىزلىك ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەيۋىد لامى بىلەن ۋاڭ يى 2018-يىلدىن بېرى توختاپ قالغان ئەنگىلىيە-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن. ئەنگىلىيە-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگى كوۋىد-19 ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە توختىتىپ قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەنگىلىيەنىڭ بەزى خىتاي مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى سەۋەبىدىن چەكلىشى، خوڭكوڭدا ئەركىنلىكنىڭ باستۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقان بىر قانچە خىتاي ئەمەلدارى بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئېمبارگو قويۇشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بۇ دىيالوگ كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن كېيىنمۇ توختاپ قالغان ئىدى.

ۋاڭ يىنىڭ ئەنگىلىيە زىيارىتى، ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ، ئەنگىلىيەلىك ئۆكتىچىلەر ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ 8-فېۋرال كۈنى كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ لوندوندا يېڭى ئەلچىخانا سېلىشىغا قارشى چىققان، شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەنگىلىيەنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى نىشانلىق چەكلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئەنگىلىيە ئەمگەك پارتىيەسى ئىلگىرى ھاكىمىيەتكە كەلسە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پارتىيە ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ھۆكۈمەت قۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇ ۋەدىسىدىن يېنىۋالغان. ئەمگەك پارتىيەسى ھۆكۈمىتى ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپلا قالماي، بەلكى يەنە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا كىرىشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا خەلقئارا سوتنىڭ قارار بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. خەۋەرلەردە، ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ لوندوندا زور كۆلەملىك يېڭى ئەلچىخانا قۇرۇش پىلانىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇشىنىڭ ئارقىسىدىنلا باشلىنىدىغانلىقى، يەرلىك سىياسىيونلار ئەلچىخانا قۇرۇلۇشىغا قارشى بولسىمۇ، لېكىن تاشقىي ئىشلار ۋەزىرى دەيۋىد لامى بىلەن ئىچكى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ يېقىندا ئەلچىخانا قۇرۇلۇشىنى قوللىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.