لىسا نەندىي: «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاي مەبلىغىدىن ھوشيار بولۇشى لازىم!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-09-28
Share

خىتاينىڭ ياۋروپادىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىزچىل ھالدا ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشىدا ئەكس ئېتىۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 27-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيەلەرنىڭ بىرى بولغان ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل سېكرېتارى لىسا نەندىي يېقىنقى مەخسۇس زىيارەتتە بۇ مەسىلىنى ئ‍الاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ جونسون ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىزچىللىقنى ساقلىيالمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ; «بىز خىتاينىڭ ئەنگلىيەگە مەبلەغ سېلىشىنى پۈتۈنلەي چەكلىيەلمەيمىز. ئەمما ئۇلارنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىگە ئوخشاش ئاچقۇچلۇق ساھەگە مەبلەغ سېلىشىدىن بەكمۇ ھوشيار بولۇشىمىز، شۇ ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىمىز لازىم» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جونسون ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ بىر قىسىم خىتاي مەبلىغىنى، جۈملىدىن خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ تېلېفون مۇلازىمىتىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەن. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق بولغان بىر قاتار مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئېنىق ۋە كەسكىن تەدبىر ئالمىغان. لىسا خانىم مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت