رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات بېرىپ، ئەنگلىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى نىك كلېگنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلغۇچى ئاكتىپلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، مۇئاۋىن باش ۋەزىر كلېگ تۈنۈگۈن خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئەنسون چان ۋە مارتېن ئىلى بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە ئۇ باش ۋەزىر داۋىد كامېروننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە سودا مەنپەئىتىنى خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيەسىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ ئىلى بۈگۈن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئەنگلىيەنىڭ بۇ قىلمىشى ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ شۇنداقلا ئەنگلىيە تەرەپنىڭ جۇڭگوغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ.»