خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىب ئەردوغان 2-ئىيۇل كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن خىزمەت سۆھبىتىدە بولدى.
سۆھبەت جەريانىدا ئەردوغان ھەرقانداق شەخسنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ قەتئىي ھالدا ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا «شىنجاڭدىكى خەلقلەرنىڭ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان پاكىت» دېگەن.
تۈركىيەدە چىقىدىغان «ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ 2-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەردوغان مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور» دېگەن. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ شى جىنپىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا سودا ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىق تورىنى بەرپا قىلىپلا قالماستىن، يەنە مەدەنىيەت ۋە ئىنسانىيەت دۇنياسىنى بىر-بىرىگە باغلاش رولىنى ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلار ھەققىدە خىتاينى تەنقىدلىگەن ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى.