ئەركىنلىك سارىيى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىدلىدى

28-فېۋرال ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سارىيى تەرىپىدىن ئېچىلغان «خىتايدىكى مەنىۋىيەت كۈرەشلىرى» ناملىق يىغىندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى باستۇرۇش كۈچەيتىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكى ۋەزىيىتى ئەنسىزلىك پەيدا قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

مەزكۇر يىغىن ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەختكە چىققان 2012-يىل نويابىر ئېيىدىن بۇيانقى 5 يىل ئىچىدە، دىنىي ئېتىقادقا قارىتىلغان چەكلىمە-بەلگىلىمىلەر كۆپەيتىلگەنلىكى، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تىبەت بۇددىستلىرى، فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرى ۋە يەر ئاستى خرىستىئان كاتولىك تەشكىلاتلىرىنىڭ زەربە نىشانى قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان مەزكۇر يىغىنغا خىتاينىڭ سىياسىي ۋە دىنىي ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن باشقا يەنە، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار يىغىندىن كېيىن رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىن ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ۋە ئۆز تەسىراتلىرىنى ئاڭلاتتى. بۈگۈنكى مەخسۇس سەھىپىلەر بويىچە ئاڭلىتىشىمىزدا بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئاڭلايسىلەر.