ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.09.03

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنى ھەم شەخس ھەم رەقەملىك تېخنىكىلارنى ئىشلىتىپ قورقىتىۋاتقانلىقى ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. «ياخۇ خەۋەرلىرى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى ئۆزىنىڭ يېقىندا تارقاتقان دوكلاتىدا ئەسكەرتكەن.

دوكلاتتا: «تۈزۈمگە خىلاپ بۇ تەھدىتلەرنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق شەخسلەرنىڭ خىتايدىكى ئائىلىسى ياكى دوستلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، خىتايدىكى مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىش، رەقەملىك ياكى شەخسلەر بىلەن پاراكەندىچىلىك سېلىش، مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇش، كومپيۇتېرنى خاككېرلاش، رەقەملىك ھۇجۇم قىلىش، توردا يالغان ۋاكالەتلىك قىلىش قاتارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا، بۇنىڭغا ئائىت تۆت ۋەقە مىسال كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن ئۆچ ئېلىش ۋەقەلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. دوكلاتتا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2019-يىلىدىن 2021-يىلى 3-ئايغىچە ئۈندىدار ئارقىلىق ئامېرىكادىكى بىر ئۇيغۇر ئايالغا ئۇيغۇرلارنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاشكارا تىلغا ئالماسلىق توغرىسىدا تېكىست ۋە ئاۋازلىق تەلقىندە بولغانلىقى، كېيىنرەك بۇ ئايالىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا بۇ ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئىسمى تىلغا ئىلىمىغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قەلبىنۇر غېنى رادىيىومىزدا كورلىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ، ئائىلىسىگە تەھدىت سالغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. FBI نىڭ دوكلاتىدا يەنە «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىغان ۋە ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئاممىۋى ۋە دىپلوماتىك بېسىمىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ……. ئۇنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ئامېرىكا قانۇنلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلماقتا» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.