خىتاي تورلىرىدا ئۇيغۇرچە فىلىملەر يەكلەنگەن

رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتايدىكى قىسقا فىلىم قانىلى-«http://www.56.Com» غا ئۇيغۇرچە فىلىملەرنى يۈكلەش تىل چەكلىمىسى سەۋەبلىك قىيىنچىلىققا يولۇقماقتا ئىكەن. بۇ خىل قىيىنچىلىق ئۇيغۇر تورداشلار ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان.

بىزگە بۇ ھەقتە ئۇچۇر يوللىغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تور بېتىگە ئۇيغۇرچە فىلىملەرنى يوللاش ئۈچۈن فىلىمدىكى دىئالوگلارنى چوقۇم خىتايچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئېكرانغا خىتايچە يېزىقتا كىرگۈزۈش شەرت ئىكەن. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇيغۇر تىلىدىكى فىلىملەر تەستىقلانمايدىكەن.

بىز بۇنى تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە، دەرۋەقە بىر تورداشنىڭ ئۆزى يولۇققان تىل توسالغۇسى ھەققىدىكى يازمىسى مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە تور بېتىدە قىزىق مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان.

بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇنازىرىدە «http://www.56.com» نىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى چەكلىگەنلىكى، شۇڭا بۇ تور بېكىتىنى بايقۇت قىلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرا قويۇلغان.

بەزى ئىنكاسلاردا بۇنىڭ توربېكىتىدىكى مەسىلە بولماستىن، بەلكى دۆلەت سىياسىتىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

يەنە بېزىلەر ھەتتا ئۈرۈمچىدىمۇ ئۇيغۇر تىل -يېزىقىدىكى ماتېرىياللارنى كۆپەيتىپ بېسىشتىمۇ قىيىنچىلىققا يولۇقىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشقان.

ئىنكاسلارغا قارىغاندا، دائىرىلەر ئۇيغۇر يېزىقتىكى ماتېرىياللارغا مەزمۇنىدىن ئەنسىرەپ شۇنداق چەكلىمىلەرنى قويغان ئىكەن.