فىلىپپىن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن خاككېرلىرى 19-ماي دۈشەنبە كۈنى خىتايدىكى تور بېكەتلىرىگە ھۇجۇم قوزغىغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت ۋە شەخسلەرنىڭ تور بېكەتلىرىدىن تەخمىنەن 200 دەك تور بېكىتى فىلىپپىن خاككېرلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدىكى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ سۈرەتلىك خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خاككىرلار ھۇجۇم قىلغان خىتاي تور بېكەتلىرىگە خىتاي دۆلەت بايرىقى رەسىمى چۈشۈرۈپ، رەسىمگە: «خىتاينىڭ جەنۇبىي ئوكياندىكى دېڭىز تەۋەلىكىمىزگە قىلغان ھۇجۇمىغا ئەمدى سۈكۈت قىلىشقا بولمايدۇ! قايتۇرما زەربە بېرىدىغان ۋاقىت كەلدى» دېگەن سۆزلەرنى يېزىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي ئوكياندىكى ئاراللار مەسىلىسىدە كېڭەيمىچىلىك قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
بۇ يىل 4-ئاي مەزگىلىدە، خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان جەنۇبىي ئوكياندىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىش يەنە بىر قېتىم ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ئەينى چاغدىمۇ فىلىپپىن خاككېرلىرى خىتاي تور بېكەتلىرىگە ھۇجۇم قوزغىغان ئىدى.