فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېرفەكتو ياساي پەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جەنۇبىي جوڭگو دېڭىزى ۋە شەرقىي جوڭگو دېڭىزى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خەلقئارا دېڭىز يولى قانۇنلىرى ۋە خەۋپسزلىككە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. ياساي بۇ سۆزنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فۇميۇ كىشىدا بىلەن فىلىپپىندىكى رەسمىي ئۇچرىشىشى داۋامىدا قىلغان.
ئۇ سۆزىدە « بىز خىتاينى خەلقئارا دېڭىز يولى قانۇنلىرى ۋە خەۋپسىزلىك قانۇنلىرىنى چوقۇم ۋە شەرتسىز ئىجرا قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.
خىتاي يىلدا 5 تىرىللىيون دوللارلىق تىجارەت سوممىسىغا ئىگە جەنۇبىي جوڭگو دېڭىزىنىڭ ھەممىسنىڭ دېگۈدەك ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گەرچە ياپونىيە جەنۇبىي جوڭگو دېڭىزىدا ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدا بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ شەرقىي جوڭگو دېڭىزىدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىىسىدە خىتاي بىلەن ئىختىلاپ ئىچىدە تۇرماقتا.
ياپونىيە دائىرىلىرى ئالدىنقى ھەپتە تېخى خىتايغا ئائىت بىر پاراخوتنىڭ ياپونىيە ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى. ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فۇميۇ كىشىدا ياپونىيىنىڭ فىلىپپىننى قوللاشنى داۋام قىلىدىغانلىقى ۋە كېلەر ھەپتە فىلىپپىنگە 10 دانە دېڭىز قىرغاقلىرىنى قوغدىغۇچى پاراخوت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ياپونىيە فىلىپپىنگە يەنە 4 دانە ت د - 90 تىپلىق چارلىغۇچى ئايرۇپىلان بېرىدىكەن.
فۇميۇ كىشىدا سۆزىدە، خەلقئارا قانۇنلارغا تايانغان دېڭىز يولى تەرتىپىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈن زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.