فىلىپپىن: خىتاينىڭ ھەرىكىتى بىلەن سۆزى بىردەك ئەمەس

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ 3‏-سېنتەبىر ئۆتكۈزگەن ھەربىي مۇراسىمىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتى بىلەن سۆزى بىردەك ئەمەس، دېدى.

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چارلېس خوسېي جۈمە كۈنى: فىلىپپىن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، دېگەن.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھەربىي پاراتتا سۆزلىگەن نۇتقىدا، جۇڭگو مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك ۋە زومىگەرلىك قىلمايدۇ، دېگەن ئىدى. بىراق خىتايغا قوشنا بەزى دۆلەتلەر ئۇنىڭ ئىزچىل كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى.

چارلېس خۇسېي: خىتاي ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ۋە مۇزاكىرىلىرىدە قاندۇرۇش ئىمكانى يوق ئالدىنقى شەرتلەرنى قويۇپ كەلدى. خىتاي بىزدىن ئۇلارنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەلۋەتتە بىز بۇنى قوبۇل قىلمايمىز، دېگەن

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋىيېتنام، فىلىپپىن بىلەن تالاش-تارتىشتىكى يەتتە جەنۇبىي دېڭىز ئارىلىدا قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغان.

ئامېرىكا يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا دېڭىزنى تىندۇرۇپ، 1200 گېكتار ئارال ياسىغان،بۇ ئاراللارنىڭ ئاز دېگەندە بىر ياكى ئىككىسىدە ھەربىي پاراخوت ۋە ھەربىي ئايروپىلان توختاتقىلى بولىدىكەن.