تۈركىي دۆلەتلەر خەلقئارا ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى ئۇرسۇلا گاۋتيېرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى
2015.12.30
مەركىزى تۈركىيەدىكى تۈركىي دۆلەتلەر خەلقئارا ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گاۋتيېرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى« شىددەتلىك تەنقىد قىلىمىز» دېدى.
مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ھۆكۈمىتى گاۋتيېرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھادىسىلەرگە دائىر ماقالە، خەۋەرلىرى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتتى. خىتايدا ئىشلەۋاتقان ژۇرنالىستلارنى باش ئەگدۈرۈلۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان خىتاي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە گۇمانلىق بىر دۆلەت. مەسلەكتېشىمىزغا قىلىنغان بۇ ھەرىكەتنى شىددەتلىك تەنقىد قىلىمىز.»
ئۇرسۇلا گاۋتيېر ئىلگىرى ئاقسۇ باي كۆمۈر كان ۋەقەسى ھەققىدە خەۋەر يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. نەتىجىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئاخبارات گۇۋاھنامىسىنى يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلىپ، خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋىزا ۋاقتى 31-دېكابىر توشىدىغان ئۇرسۇلانى خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى. ئۇرسۇلا گاۋتيېر 2012-يىلى خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرى مەلىسا چەندىن كېيىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان 2-چەتئەل مۇخبىرى.
خىتاينىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، «خىتاي تېررورلۇق چېمپىيونلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى ھەرگىز قوللىمايدۇ» دېگەن.