ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى فىرانسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى توڭلىتىشنى تەلەپ قىلدى
2021.04.30
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 5 نەپەر ئەزاسى 28-ئاپرېل فىرانسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فىلىپ لېگلىس كوستاغا خەت يېزىپ، فرانسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى توڭلىتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ خەتنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەنگىن ئەرئوغلۇ، مىرىيام لېكىسمان، رېھىنخارت بۈتىكوفېر، رافائېل گلۇكىسمان، ئاننا فوتىگا قاتارلىق ئەزالىرى يازغان.
ئۇلار خېتىدە، خىتاينىڭ خوڭكوڭ بىخەتەرلىك قانۇنى ماقۇللاپ، خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئورنىغا ۋە خىتاي-ئەنگلىيە قوشما ئاخباراتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى، فىرانسىيەنىڭ بۇ تەرەققىياتنى نەزەردە تۇتۇپ، خىتاي بىلەن ئىمزالىغان جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلارنىڭ خېتىدە يەنە: «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 2020-يىلى 17-دېكابىر ماقۇللانغان شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قارارى، شۇنىڭدەك 2021-يىلى 21-يانۋاردا ماقۇللىغان خوڭكوڭ ئۆكتىچىلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشى ھەققىدىكى قارارىدا بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ۋە باشقا خەلقئارا شېرىكلىرىمىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىملىرىنى قارشى ئالغان شۇنداقلا باشقا ئەزا دۆلەتلەرنى بۇنىڭغا ئەگىشىشكە چاقىرغان. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ، خوڭكوڭ گىراژدانلىرىنىڭ تىبەت ياكى ياۋروپادىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ( خىتايغا) قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك» دېيىلگەن.
ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر بۇ كىشىلەر خىتايغا قايتۇرۇلسا سىياسىي سوتلاش، قىيىن-قىستاق، ئۇزۇن يىللىق قاماق قازاسى، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرايدىكەن. ئۇلار خېتىدە فىرانسىيەنىڭ ۋەزىيەتنى قايتا مۆلچەرلەپ، خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشى، ياۋروپانىڭ ئورتاق قىممەت ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىپلا قالماي، خوڭكوڭلۇقلار، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە ياۋروپانى ماكان تۇتقان خىتاي دېموكراتلىرىغا ھەمدەمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.