فىرانسىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەققىدە كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ مەسىلىدە مۇستەھكەم بىر مەۋقەدە تۇرۇش لازىملىقىنى تونۇپ يەتتى.
فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لا فىگارو» گېزىتىنىڭ 7-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانيۇل ماكرون 6-سېنتەبىر كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتىغا يوللىغان مەكتۇپىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشنى ئەڭ زور دەرىجىدىكى كەسكىنلىك بىلەن تەنقىدلىشى لازىم» دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇ مەكتۇپىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار، زور تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىيەت بايلىقىنى ۋەيران قىلىشتەك بىر قاتار قىلمىشلارنى كۆرسىتىپ، بۇلارنىڭ خەلقئارادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژا ئىۋ لا دىريا خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى رېئاللىقنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.