يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىن شەھىرى تەيمىڭ ناھىيىسىدىكى بىر قۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تاغ سىرىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىققان.
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى مەزكۇر تاغ سىرىلىش ۋەقەسىنىڭ شۇ جايدىكى بىر سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇش نۇقتىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى،ئىز - دېرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭ سانىنىڭ 41 ئادەمگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئۆتكەن بىر قانچە كۇن ئىچىدە گۇاڭشى، خۇبېي قاتارلىق ئۆلكىلەر قاتتىق يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، خىتاي ھاۋا رايى ئىستانسىلىرى يەكشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى يەتتە ئۆلكە، جۈملىدىن فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭمۇ قاتتىق يامغۇرغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، بۇ رايونلار ئاھالىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان.
خوڭكوڭنىڭ سۇمرۇغ تېلېۋىزىيەسىنىڭ يېزىشىچە، فۇجەننىڭ تەينىڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن مەزكۇر كۆپ ئادەم ئىز - دېرەكسىز يوقۇلۇپ، بىر قىسىم ئادەم يارىلانغان تاغ سىرىلىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىگە كۆرسەتمە بېرىپ، قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۆلۈم - يېتىم ۋە يارىلىنىشنى ئازلىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يەنە دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ھەم باشقۇرۇش ئىدارىسىنى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاشقا بۇيرۇغان.
ئىز - دېرەكسىز يولۇقۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ بەلكى لاي - لاتقىلار ئاستىدا قالغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.
مۇنداق تاغ سىرىلىپ، بىر قىسىم بىنالارنىڭ چۆكۈش ۋە كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا شېنجېن شەھىرىدە ۋە 8 - ئايدا شەنشى ئۆلكىسىدىمۇ يۈز بەرگەن ئىدى.