خىتاي 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا توردىن قاچقان پارىخور ئەمەلدارلارنى تەتقىق قىلىش مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بايانات بېرىپ، 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا توردىن قاچقان پارىخور ئەمەلدارلارنى تەتقىق قىلىش مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنى، خىتاي تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان 100 نەپەر پارىخور ئەمەلدارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ تورغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

5-سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 20-دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى بايان قىلىپ، «ھازىر پارىخور ئەمەلدارلار پاناھلىنىدىغان جاي تاپالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى» دېگەن. شى جىڭپىڭ يەنە 20 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىشى بىلەن «20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قېچىپ يۈرگەن پارىخور ئەمەلدارلارنى تۇتۇش بەلگىلىمىسى» قاراردىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۆز تورىدا بەرگەن باياناتىدا يەنە، خىتاينىڭ 2014-يىلدىن بۇيان 70 نەچچە دۆلەتكە قاچقان 1915 نەپەر پارىخور ئەمەلدارنى قايتۇرۇپ ئەكېلىپ قانۇنىي جازاغا تارتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.