گالاگېر بىلەن كرىشنامورتى ۋولكىسۋاگېننى ئۇيغۇر دىيارىدىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىردى
2024.02.23
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكېل گالاگېر بىلەن بۇ كومىتېتنىڭ مەسئۇل ئەزاسى راجا كرىشنامورتى 21-فېۋرال ۋولكىسۋاگېنغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ 2013-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان زاۋۇتىنى تاقاشقا چاقىرغان. گالاگېر بىلەن كرىشنامورتىنىڭ ۋولكىسۋاگېن ئىجرائىيە دىرېكتورى ئولىۋر بلۇمغا يېزىلغان مەكتۇپى، ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھىنىڭ مىڭلىغان ئاپتوموبىلى يېقىندا ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسى تەرىپىدىن چېگرادا توختىتىپ قويۇلۇشىدىن كېيىن يوللانغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە مىڭلىغان ئاپتوموبىلنى زاپچاسلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دېگەن گۇمان بىلەن توختىتىپ قويغانىدى.
مەكتۇپتا «بىز شۇنداقلا يەنە ۋولكىسۋاگېننى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ‹خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقتا› دەپ بېكىتكەن شىنجاڭدىكى مەشغۇلاتىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېيىلگەن. مەكتۇپتا تەكىتلىنىشىچە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان دوكلاتلار ۋولكىسۋاگېننىڭ مەجبۇرىي يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىپ، ھەر خىل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشتا ھەم باشقۇرۇشتا قوللانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. مەكتۇپتا يەنە ۋولكىسۋاگېننىڭ خىتاينىڭ «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش پىروگراممىسى» غا قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى قەيت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «ۋولكىسۋاگېننىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت دەلىللەشلەر، شۇنداقلا ئۇنىڭ شىنجاڭدا داۋاملىشىۋاتقان مەشغۇلاتىنىڭ تۈرتكىسىدە، بىز ۋولكىسۋاگېننىڭ شىنجاڭدىكى بارلىق مەشغۇلاتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا ۋە ئۇنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› غا ئەمەل قىلىش تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتىشكە چاقىرىمىز.»
ۋولكىسۋاگېن ئۇزۇندىن بېرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاش چاقىرىقلىرىغا پىسەنت قىلماي كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىندا ئۇنىڭ تۇرپاندىكى ئاپتوموبىل سىناق مەيدانى قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر دەلىللەر ئۇنى تېخىمۇ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، گالاگېر بىلەن كرىشنامورتى ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۆزلىرىگە 5-مارتتىن بۇرۇن جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.