ئادۋوكات گاۋ جىشىڭ قايتىدىن قولغا ئېلىنغان

تونۇلغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتى گاۋ جىشىڭ ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا تۈرمىدىن ئازاد قىلىنغاندىن بۇيان تېخى ئالدىنقى كۈنى تۇنجى قېتىم ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى بىلەن يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئەمما گاۋ جىشىڭنىڭ بۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ ئارىدىن بىر كۈن ئۆتمەيلا يەنە قايتىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

بوشۇن تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى خىتايغا ياردەم قىلىش تەشكىلاتى گاۋ جىشىڭنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك بىر مەنبەدىن ئۇچۇر ئالغانلىقىنى، ئۇنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاخشام سائەت ئون ئەتراپىدا شەنشىدىكى ئۆيىدىن ئەپ كېتىلگەنلىكىنى، دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گاۋ جىشىڭ خىتايدىكى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ھەم شۇنداقلا يەر دەۋاگەرلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن 2006-يىلىدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىپ تېخى ئۆتكەن يىلى ئۆي ھەپسىگە قويۇۋېتىلگەن. ئۇ تۈرمىدىن قويۇۋېتىلگەندە ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقى، تۈرمىدە ئۇچرىغان قېيىن-قىستاق سەۋەبىدىن ھەرىكەت قىلىش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىدىن مەسىلە چىققانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ئۇ تۈنۈگۈن بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدىمۇ ئۆزىنىڭ تۈرمىدە قېيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ داۋادىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىكتاتور تۈزۈمىنىڭ 2017-يىلى ئاياغلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.