گەنسۇدا يەر تەۋرەپ، 127 ئادەم ئۆلگەن
2023.12.19
12-ئاينىڭ 19-كۈنى كېچىدە گەنسۇ ئۆلكىسىدە 6.2 بال يەر يەر تەۋرەپ، ئاز دېگەندە 127 ئادەم ئۆلگەن، 700 ئادەم يارىلانغان. BBC تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى بىر قەدەر كۆپ جايلاشقان گەنسۇدىكى يەر تەۋرەش گەنسۇ ئۆلكىسىدىن ھالقىپ، چىڭخەي ئۆلكىسىگە قەدەر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر رايونىنىڭ گەنسۇغا چېگراداش جايلىرىدىمۇ 5.5 بال يەر تەۋرىگەن.
خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» ئاتۇش شەھىرىدىمۇ 5.5 بال يەر تەۋرىگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن بولۇپ، «ھازىرچە ئۆلۈم-يېتىم، يارىلىنىش ياكى مال-مۈلۈكنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات يوق» دېيىلگەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گەنسۇدىكى يەر تەۋرەش خىتايدا 2014-يىلدىن بۇيان ئۆلۈم-يېتىم كۆپ كۆرۈلگەن بىر قېتىملىق ئاپەت ئىكەن. خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ گەنسۇدىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش، يارىدارلارنى داۋالاش، زىياننى ئازايتىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. ھالبۇكى قوشنا رايونلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرۇلۇق گەپ قىلمىغان. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بۇ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە قانچىلىك ئۇچرىغانلىقى ۋە يۈز بەرگەن ھادىسىلەر ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق.