مېركېل تۈركىيە زىيارىتىدە مۇساپىرلار مەسىلىسىدە پىكىرلەشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.10.18


گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل يەكشەنبە كۈنى تۈركىيەدە بىر كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل تۈركىيەگە قاراتقان بىر كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە ئالدى بىلەن ئىستامبۇلدىكى بوسفور بوغۇزىغا سېلىنغان سابىق ئوسمانلى سۇلتانىنىڭ سارىيى - دولماباھچىغا جايلاشقان تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەتداۋۇت ئوغلۇنىڭ ئىشخانىسىدا ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى باش مىنىستىر ئايرىم ئۇچرىشىشتىن كېيىن خىزمەت زىياپىتىگە قاتناشتقان ۋە ئاخىرىدا داۋۇتئوغلۇ بىلەن مېركېل مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. داۋۇت ئوغلۇ بىلەن مېركېل ئاساسلىقى ياۋروپاغا كېلىۋاتقان سۈرىيە مۇساپىرلىرى مەسىلىسى، يەنى تۈركىيەنىڭ بۇ مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىنى توسۇسى قاتارلىق تېمىلاردا سۆزلەشكەن.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا داۋۇت ئوغلۇ تۈركىيىنىڭ گېرمانىيە بىلەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى توختىتىش مەسىلىسىدە ئورتاق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مېركېل خانىم بولسا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۇرىيە مۇساپىرلىرى مەسىلىسىگە ئائىت پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش خاراكتېرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، يەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىدە تۈركىيەگە ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىلىدىغانلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ ئارقىلىق مۇساپىرلارنىڭ كۆپلەپ، ياۋروپاغا كىرىشىنى توسۇشىغا بولغان ئۈمىدىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.