گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى «سىستېمىلىق چوڭ رەقىب» دېدى
2023.05.10
5-ئاينىڭ 10-كۈنى، گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربۇك (Annalena Baerbook) خىتاينى «دۇنيا سەھنىسىدە بارغانچە كۈچىيىۋاتقان سىستېمىلىق چوڭ رەقىب» دېگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغۇچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان.
«ئامېرىكا رادىيو تورى» (ABC) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ بۇ ھەپتە ياۋروپاغا زىيارەتكە بېرىشى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە مەلۇم بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان؛ گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىلەن فىرانسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىردەك ھالدا ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا بەك تايىىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربۇك مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان يەردە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەمما خىتايغا بەك تايىنىپ قالساق خەتەرلىك، جۈملىدىن خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدىمۇ خەتەرلىك، بۇنىڭغا كىرىپ قالساق ئەخمەقلىق قىلغان بولىمىز. شۇنى تونۇش كېرەككى، خىتاي بىز بىلەن رەقىب، بەلكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سىستېمىلىق چوڭ رەقىب».
ئاننالېنا بايېربۇك ياۋروپانىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسىتىنىڭ «تامامەن ئايرىلماسلىق، ئەمما خەتەرنى تۈگىتىش» ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇنىڭ ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئەركىنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتى كۈچلۈك بولغان ۋە خىتايغا ئىزچىل يۇمشاق مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن گېرمانىيە بۇ قېتىم خىتايغا قاراتقان دىپلوماتىيەسىنى ئۆزگەرتكەن، يەنى گېرمانىيەنىڭ ئۈچ پارتىيەدىن تەشكىللەنگەن يېڭى ھۆكۈمىتى خىتايغا قاتتىق قول پوزىتسىيە تۇتۇش يولىنى تاللىغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاننالېنا بېربوك بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن نەپ ئېلىش نىيىتى يوقلۇقىنى، خىتاينىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويغان «تىنچلىق پىلانى» نىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چىن گاڭ 5-ئاينىڭ 10-كۈنى فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولوننا (Colonna) بىلەن كۆرۈشكەن.
گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتاينى رۇسىيەنىڭ «ھۇجۇمچى دۆلەت» ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇشقا، رۇسىيەگە قورال تەمىنلىمەسلىككە، بەلكى رۇسىيەنى ئەسكەر چېكىندۈرۈپ بۇ ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇشقا قايىل قىلىشقا چاقىرغان.
خىتاي دىپلوماتى چىن گاڭنىڭ بۇ قېتىملىق ياۋروپا زىيارىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە كېلىشەلمەيۋاتقان ۋە زىددىيەت ئۇلغىيىۋاتقان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە بېرىلگەن ئىقتىسادىي جازادىن ئەگىپ ئۆتۈپ رۇسىيەگە ياردەم قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئېمبارگو قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، خىتاي ئەگەر بۇ جازا ئىجرا قىلىنسا ياۋروپادىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.