«ئۇيغۇربىز» تورى 30 - ئاۋغۇست «مەجبۇرىي غايىب بولغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار خەلقارا كۈنى» دە، بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان مۇتەللىپ ئىمىنننىڭ «مەجبۇرى غايىب قىلىنغان» لىق ۋەقەسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى. باياناتنامىدا، خەلقارا جەمىيەتنى مۇتەللىپ ئىمىن قاتارلىق «مەجبۇرىي غايىب بولغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش» كە ۋە ئۇلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.
«ئۇيغۇربىز» تورىدا «مەجبۇرىي غايىب قىلىنىش» ئاتالغۇسى ھەققىدە توختىلىپ، «مەجبۇرى غايىپ قىلىنىش ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ، ئەمەلدارلارنىڭ ياكى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىدىغانلارنىڭ، ھۆكۈمەت قوشۇلغان ياكى يول قويغان ئەھۋال ئاستىدا، ئالاقىدار كىشىلەرنى ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا قولغا ئېلىش، توختىتىپ قويۇش ياكى تۇتقۇن قىلىش، ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ تەقدىرى ياكى ئىز - دېرىكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىش، ياكى ئۇلارنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغانلىقنى ئىتىراپ قىلىشنى رەت قىلىش ئارقىلىق، ئاقىۋەتتە ئۇلارنى قانۇنلۇق قوغدىنىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇشتەك قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.
مۇتەللىپ ئىمىن خوتەن لوپ ناھىيىسىدىن بولۇپ، ئۇ 2012 - يىلى 6 - ئايدا بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى تەرجىمانلىق كەسپىنى تۈگەتكەن. ئۇ تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىپ، 2012 - يىلى 10 - ئايدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغان. «ئۇيغۇربىز» تورىدا بۇندىن ئىلگىرىمۇ مۇتەللىپ ئىمىننىڭ قىز دوستى ئاتىكەمنىڭ مۇتەللىپ ئىمىننىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىپ ئېلان قىلغان ئىككى پارچە ماقالىسى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلاردا مۇتەللىپ ئىمىنننىڭ خىتاي دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.