خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۇنياسىنى «بەختلىك شىنجاڭ» مودېلىنى ئۆگىنىشكە تەۋسىيە قىلماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەرقايسى خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە كەسكىن تەنقىدلەرگە دۇچ كېلىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى دۇنيا مىقياسىغا كېڭەيتىش لازىملىقى ھەققىدە داۋراڭ سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دىپلوماتلىرىدىن جياڭ دۇەن جەنۋەدىكى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بۇ توغرىلىق سۆز بولغاندا «شىنجاڭدىكى تەجرىبىلىرىمىز ئەمەلىيەتتە بۇنى باشقا دۆلەتلەرگە ئۆگىتىشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى» دېگەن. ئۇ بۇ سۆزلىرىگە دەلىل قاتارىدا ئۆتكەن ئىككى يىلدا «تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» تەدبىرلىرى ئىجرا بولغاندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ھېچقانداق زورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرمىگەنلىكىنى مىسال قىلغان. شۇنداقلا «شىنجاڭ خەلقى ھازىر ئۆزلىرىنى تولىمۇ بىخەتەر ۋە بەختلىك ھېس قىلماقتا» دەپ ماختانغان.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت يەردە ئېيتىلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ خەلقى» نىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاش قىلمىشلىرىنى تەجرىبە دەپ ماختىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە «بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايسى دەرىجىدىكى نومۇسسىز بىر ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا نامايان قىلدى» دېدى.