غەربنىڭ خىتايغا تايىنىشىنى ئازايتىش تىرىشچانلىقى ئۇتۇقلۇق داۋام قىلماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.02.26

ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىش تىرىشچانلىقىدا زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكى ۋە بۇنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىنماقتا. «فوربېس» ژۇرنىلى 24-فېۋرال ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، يېڭى سانلىق مەلۇماتلار دۇنيادىكى يۇقىرىقى چوڭ بازارلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي سودا شىركەتلىرى  يۇقىرىقىلاردىن باشقا  ئۈچىنچى دۆلەتكە يۆتكىلىپ، مەھسۇلاتلىرىنى بۇ دۆلەتلەر ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتلار بىر ئاز كۆپتۈرۈلگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما  خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىشنىڭ ئۇتۇقلۇق داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر رېئاللىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىكى ئەڭ دىققەت قوزغايدىغان نۇقتا، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ئەڭ كۆپ مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت بولۇشتىن قېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى مېكسىكىنىڭ ئىگىلىشى بولغان. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربنىڭ خىتاي بىلەن بولغان گېئو-ئىستراتېگىيە، تېخنولوگىيە، سودا مەسىلىلىرىدىكى ئىختىلاپلىرى، ئۇيغۇر، خوڭكوڭ مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرىدىكى ئىختىلاپى، خىتاينىڭ خەلقئارا تەرتىپكە ئاشكارا خىرىس قىلىشى، شۇنداقلا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مونوپوللۇق ئورنىنى كوزىر قىلىپ ئىشلىتىشى غەربنىڭ خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىشىنى تېزلەتكەن. «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل ئۆزگىرىشنى ئامېرىكالىقلارنىڭ ئىمپورت قىلىشتا باشقا مەنبەلەرگە، بولۇپمۇ مېكسىكا، ۋىيېتنام، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆلىنىشى پەيدا قىلماقتا.

ماقالىدا يەنە خىتاينىڭ تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، 2023-يىلى 11-ئايغىچە ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن يانفون ئىمپورت قىلىشى 10 پىرسەنت، خاتىرە كومپيۇتېرىنىڭ 30 پىرسەنت ئازايغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ياۋروپا بازىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتى تولۇق بولمىسىمۇ، ئەمما دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلار ئۆتكەن يىلى گېرمانىيەنىڭ خىتايدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشى 13 پىرسەنت ئازايغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەگە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىشتا خىتايدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.    

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.