غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلدى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، بىر تۈركۈم غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنى قويۇپ بېرىشكە، شۇنداقلا مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشى ئۈچۈن بۇ رايونلارنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىردى.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېيمىس لارسېن (James Larsen) ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق 15 دۆلەتكە ۋاكالىتەن بۇ چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويغان. جېيمىس لارسېن ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە ئېچىلغان يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ئەندىشىلەرنى تۈگىتىشنىڭ ئاچقۇچى. بىز خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى باھالايدىغان ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شىنجاڭ بىلەن تىبەتنى توسالغۇسىز ۋە ئەركىن زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىمىز».

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» دا بىر قانچە مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى قولغا ئالدى دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. باش ئەلچى لارسېن يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىر قانچە دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەخسلەرنى كەڭ كۆلەمدە، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى ۋەيران قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.