ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئىشلىگەن «غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار» ناملىق يۈرۈشلۈك تەكشۈرۈش پروگراممىسى باش ئورگىنى نيۇيورك شەھىرىدىكى MIN ئاخبارات گۇرۇھىنىڭ 2017- يىللىق «ئەڭ نادىر تور ئەسىرى مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.
«غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار» ناملىق يۈرۈشلۈك پروگرامما 12 قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، پروگراممىنىڭ ھەر بىر قىسمى ئىككى بۆلۈمگە بۆلۈنگەن. پروگرامما 2016 - يىلى فېۋرالدىن بۇيان ھەر ئايدا بىر قىسىمدىن بۇ يىلنىڭ بېشىغىچە ئاڭلىتىلغان ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن پروگراممىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى ھازىرلانغان ئىدى.
مەزكۇر پروگراممىدا 1950 - يىللىرىدىن باشلاپ ئانا يۇرتلىرىنى ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مىللىي، مەدەنىي ۋە سىياسىي ھاياتىغا قاراپ چىقىلغان.
پروگراممىدا يەنە غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىملىك كرىزىسى بىلەن يەرلىك مەدەنىيەتكە ئارىلىشىش مەسىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى داۋالغۇش ھەر قايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ۋە مۇناسىۋەتلىك يەرلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق يارقىن يورۇتۇلغان.
بۇ پروگراممىنى رادىيومىز مۇخبىرى قۇتلان تەييارلىغان بولۇپ، ئۇ، بۇ پروگرامما باشلىنىشتىن ئىلگىرى تۈركىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە بىر ئايلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدى.
مەزكۇر پروگرامما ئىلگىرى يەنە ئەڭ ياخشى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن.
MIN ئاخبارات شىركىتى نادىر ئەسەرلەر مۇكاپاتىنى ھەر يىلى بىر قېتىم تارقىتىدۇ. ئۇيغۇر بۆلۈم دىرېكتورى ئالىم سېيىتوفنىڭ قارىشىچە، MIN ئاخبارات شىركىتىنىڭ باھالاش ئۆلچەملىرىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇيغۇر بۆلۈمى پروگراممىلىرىنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتقا نائىل بولۇشى ھەممەيلەنگە شەرەپ ئېلىپ كېلىدىكەن.
ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېلان قىلغان ئەسەرلەر نيۇيورك خەلقئارا ئاخبارات فېستىۋالىدىمۇ زەپەر قۇچقان ئىدى.