خىتاي غەربنىڭ ئېمبارگوسىدىكى بىڭتۈەننىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى «تەنتەنىلىك» تەبرىكلىدى

«شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ تەسىرى كۈچىيىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ئورنى بارغانچە ئاجىزلاۋاتقان، شۇنداقلا بىڭتۈەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك غەرب ئەللىرىنىڭ ئېمبارگوسىغا ئۇچرىغان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى 7-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، 1954-يىلى قۇرۇلغان، يېرىم قوراللىق يېرىم ئىشلەپچىقىرىش گەۋدىسى بولغان بىڭتۈەن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن.

بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئاۋۋال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقى بولغان بولسىمۇ، ئەمما رايوندا ھېچقانداق تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمىگەن، ھەتتا رايوندىكى تاراتقۇلار بۇ ھەقتە ھېچنېمە بەرمىگەن. بۇنىڭ ئارقىسىدىنلا بىڭتۈەن قۇرۇلغانلىقىنىڭ داغدۇغىلىق تەبرىكلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇش ۋە يەرلىك مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارالماقتا.

«شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى كومىتېتى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى (گوۋۇيۈەن) ئالاھىدە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، بىڭتۈەننىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭنىڭ باشچىلىقىدا بىر مەركىزى ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتكەن. خې لىفېڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە بىڭتۈەننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى رولى ھەققىدە توختىلىپ، «يېڭى دەۋردىكى مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە چېگرانى قوغداشتا يېڭى ئەۋزەللىكلەرنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خىزمەت قىلىشتا…. ئىزچىل چىڭ تۇرۇشى كېرەكلىكى» نى ئېيتقان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بىڭتۈەن «كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى بىرلەشتۈرىدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جوڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك» ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي يىغىندا قىلغان تەبرىك سۆزىدە بولسا، بىڭتۈەننىڭ «پۈتۈن دىققىتىنى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئورنى ھەققىدىكى تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ…. . مۇقىملىقنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى…. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى قوشۇۋېتىشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.

ھالبۇكى، 2022-يىلى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا ۋە ئەنگىلىيە بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. خىتاينىڭ بىڭتۈەن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىشى، يەنە بىر تەرەپتىن، غەرب ئەللىرىنىڭ بىڭتۈەننى جازالىشىغا قايتۇرغان ئىنكاسى، دەپ قارالماقتا.