ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى تورىدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە پۈتكۈل رايوندا ئالامەتسىز يۇقۇمدارلاردىن 12 ئادەم كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدە 2، غۇلجا شەھىرىدە 6، شىخۇ شەھىرىدە 1، كورلا شەھىرىدە 3 يۇقۇمدار كۆپەيگەن. 1 ئادەم دوختۇرخانىدىن، 37 ئادەم ئايرىم كۆزىتىشتىن چىققان. ھازىر مەۋجۇت بولغان ئالامەتسىز يۇقۇمدارلارنىڭ ئومۇمىي سانى 294، سىرتتىن كىرگەن ۋە كېسىلى بېكىتىلگەن يۇقۇمدار 4، ئالامەتسىز يۇقۇمدار 7 ئادەم دېيىلگەن.
9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت «يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش» ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ، غۇلجا شەھىرىدىكى 26 مەھەللە، 150 كوچا، بىر سانائەت رايونى، بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر مەھەللىسىدىن 5 مەھەللە، ئايرىم 3 ئولتۇراق بىنادىكى قامالنىڭ بوشىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى غۇلجادا ۋاقىتلىق بوشىتىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۈرۈمچىدىكى قامالنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلاردا كۆرۈلۈشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار 40 نەچچە كۈندىن بۇيان ئۆيىگە سولىنىپ قالغان، كەچ سائەتلەردە بىنالاردا ۋارقىراش، يىغا-زارە ئاڭلىنىپ تۇرغان. خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلاردا شى جىنپىڭنىڭ بۇ بىمەنە، رەھىمسىز يۇقۇم سىياسىتىنى مەسخىرە قىلىش، قارشىلىق قىلىش كەيپيياتى ئەۋج ئالماقتا ئىكەن.