گوللاندىيە «خىتاي ساقچى پونكىتى» نى تاقاش بۇيرۇقى چىقاردى
2022.11.02
«گوللاندىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 2-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئامىستېردام ۋە روتتېردام شەھەرلىرىدىكى «خىتاي ساقچى پونكىتى» نى تاقاشنى بۇيرۇغان. مەلۇم بولۇشىچە بۇ ساقچى پونكىتلىرى 2018-يىلىدىن باشلاپ ئۆز «خىزمەت» لىرىنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتىكەن.
يېقىندا ئىسپانىيەدىكى «ھېمايىچىلەرگە باشپاناھ» تەشكىلاتى نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە 54 «ساقچى پونكىتى» تەسىس قىلغانلىقى، شۇ قاتاردا گوللاندىيەدە بۇنداق پونكىتتىن ئىككىسى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. تەكشۈرۈشتە ئېيتىلىشىچە، بۇ پونكىتلار گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋالدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن خىتايغا قارشى چۇقانلارنى جىمىقتۇرۇش، خىتاي پۇقرالىقىدىكى كىشىلەرنى قايتۇرۇپ كېتىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە بىر مۇستەقىل دۆلەتتە بۇ خىل ساقچى پونكىتلىرى تەسىس قىلىپ بۇ جايلاردا خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن ئىش بېجىرىشى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدىكەن.
گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋوپكې خوكسترا (Wopke Hoekstra) بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ «بۇ خىلدىكى ساقچى پونكىتى قۇرۇشتا گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجازىتى ئېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن بىز خىتاي ئەلچىخانىسىغا بۇلارنى تېزدىن تاقاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردۇق» دېگەن.
2-نويابىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ «بۇ ئىشخانىلار ساقچى پونكىتى ئەمەس. ئەكسىچە پۇقرالارنىڭ پاسپورت ھۆججەتلىرىنى يەڭگۈشلىشىگە ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلار» دېگەن ھەمدە بۇنداق ساقچى پونكىتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان.