گورباچوۋ دۇنيانى يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بىلەن ئاگاھلاندۇردى


سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى، 83 ياشلىق مىخايىل گورباچوۋ بېرلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بېرلىن تېمىنىڭ يىقىتىلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ، دۇنيانىڭ قايتىدىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بوسۇغىسىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گورباچوۋ «نۆۋەتتە دۇنيا يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى گىرۋىكىدە تۇرماقتا. ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭ ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغانلىقىنى ئېيتىشماقتا» دېگەن ھەمدە غەرب دۆلەتلىرىنى رۇسىيە بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھازىرقى جىددىيلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

گورباچوۋ سۆزىدە «ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى قانلىق توقۇنۇشلار، دۇنيا قۇدرەتلىك دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى دىئالوگنىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىشى قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

مىخايىل گورباچوۋ رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

گورباچوۋ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى پرېزىدېنتى بولۇپ، ئۇ 1989 - يىلىدىكى بېرلىن تېمىنىڭ يىقىتىلىشى ۋە 1991 - يىلىدكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئىدى. ئۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان قىرىم ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسى تۈپەيلىدىن غەرب بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا پەيدا بولغان جىددىيلىكلەر ئۈستىدە پىكىر بايان قىلغان ئىدى ۋە ئۆزىنىڭ رۇسىيە - غەرب مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشىگە بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن ئىدى.