گۇاڭدوڭدا بىر قانچە ئون مىڭ خەلق ئەخلەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتى قۇرۇشقا قارشى چىقتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-09-14
Share


رادىئومىز خىتاي تىلى بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇيجو شەھىرى، بولو ناھىيىسىدە شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى بىر قانچە ئون مىڭ ئادەم نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن بۇ ناھىيىدە يېڭىدىن قۇرۇلماقچى بولغان ئەخلەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتى قۇرۇلۇشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ھۆكۈمەت زور ساندىكى ساقچى كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ نامايىشچىلارنى تارقىتىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، نەتىجىدە خېلى كۆپ ساندىكى ئادەم تاياق يېگەن ۋە 20 نەچچە ئادەم تۇتۇپ كېتىلگەن.

مەزكۇر ناھىيە قۇرماقچى بولغان ئەخلەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتىنىڭ كۈندىلىك ئەخلەت كۆيدۈرۈش مىقدارى 2600 توننا بولۇپ، دوڭجاڭ دەرياسىدىن 1800 مېتىر نېرىغا جايلىشىدىكەن. پۇقرالار دەريا سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئەندىشە قىلغان بولۇپ، بۇ ھەتتا خۇيجو، شېنجېن، خوڭكوڭ قاتارلىق شەھەرلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

خۇيجو شەھىرىنىڭ بولو ناھىيىسىدىكى خەلق بۇنىڭ مۇھىت بۇلغىنىش ۋە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئەڭ ئەندىشە قىلغان بولۇپ، ئۇلار مۇنداق زاۋۇتنى ئۆز تەۋەسىدە قۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان. بىراق ھۆكۈمەت تەرەپ، زاۋۇتنىڭ ئاھالىلار رايونىدىن 10 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەنلىكى، مۇھىت ۋە خەلق سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تەكشۈرۈپ بېكىتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

شەنبە كۈنىدىكى نامايىشقا 20 مىڭ ئادەم قاتناشقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. نامايىش يەكشەنبە كۈنىمۇ داۋاملاشقان. پۇقرالار كوللېكتىپ قول قويۇپ، باياناتنامە تەييارلاپ ھۆكۈمەتكە يوللىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت