ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۈلشەن ئابباسنى قويۇپ بېرىشى توغرىلىق چاقىرىق ئېلان قىلغان

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان گۈلشەن ئابباسنى دەرھال قويۇپ بېرىش توغرىلىق چاقىرىق ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى تىۋىتتېر ئارقىلىق ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا مۇنداق دېگەن: «گۈلشەن ئابباس ئىشەنچلىك بولمىغان پاكىتلار ئاساسىدا ئەيىبلىنىپ خىتايدا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك مەۋقەسىدە تۇرۇپ، ئۇنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئۇ شۇندىلا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولالايدۇ ۋە داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، 2020-يىلى 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گۈلشەن ئابباسنىڭ دېلوسىدىمۇ باشقا مىڭلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ دېلولىرىغا ئوخشاشلا قانۇنىي تەرتىپ، ئوچۇق-ئاشكارا سوت ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئەمەل قىلمىغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇنغا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىمۇ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن بېرى ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇرلاردىن ئاتاقلىق ژۇرنالىست قۇربان مامۇت، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەت ۋە دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ دەرھال ھەم شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان ئىدى.