پالاتا ئەزاسى دىك دۇربىن گۈلشەن ئابباس مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى
2024.07.26
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى دىك دۇربىن (Dick Durbin) 25-ئىيۇل كۈنى X تە ئۇچۇر يوللاپ، پېنسىيەگە چىققان دوختۇر گۈلشەن ئابباسقا 20 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى «تولىمۇ ۋەھشىيلىك ۋە بىمەنىلىك» دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى گۈلشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى سىڭلىسى روشەن ئابباسنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدا ئاكتىپ رول ئوينىشىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۆزى بىۋاسىتە ھالدا «كېڭەش پالاتاسى تەقسىمات كومىتېتى» دا تونۇشتۇرغان «خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسىنى يولغا قويۇش قانۇن ماددىسى» نىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «گۈلشەن ئابباسنى تۇتقۇن قىلىشقا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا بۇ ماددا تەتبىقلىنىشى لازىم» دېگەن.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى دىك دۇربننىڭ بۇ ئۇچۇرى يوللانغاندىن كېيىن خىتاينىڭ «50 سېنت» لىرى تېزدىن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكىنى تەشەببۇسى قىلغۇچى ئۇيغۇرلارنى «شەرقىي تۈركىستانچى ئۇيغۇرلار» دەپ ئاتاپ، «شەرقىي تۈركىستانچى ئۇيغۇرلار خىتايدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەمەس. ئۇلار ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئەگەشمەيدۇ» دېگەن. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى ئېيتىش» تەشۋىقاتىدىكى «شادىمانلىق ئىچىدە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئۇيغۇرلار» نى كۆرسىتىپ «مانا بۇلار ھەقىقىي ئۇيغۇرلار» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقات ئۇرۇشى يېقىنقى مەزگىللەردە ئەۋج ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىكى مۇھىم نىشانلاردىن بولۇپ كەلمەكتە.