دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگىنىگە 6 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى 10-سېنتەبىر ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۈلشەن ئابباس ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئاخباراتتا دېيىلىشىچە، 2018-يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، گۈلشەن ئابباسنىڭ سىڭلىسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى روشەن ئابباس خۇدسون ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ باستۇرۇشىنى ئاشكارا تەنقىدلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن 5 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن گۈلشەن ئابباس ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەن، ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، 2 يىلغىچە ئۇنىڭ ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان. 2020-يىل 12-ئايغا كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى «تېررورلۇق» قا چېتىپ، قاپقارا تۆھمەت ئارتىپ، 20 يىل كېسىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان. خىتاينىڭ بۇ ئۆچ ئېلىشى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارشى چىققان سادالارنى جىمىقتۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ قالغان.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن ھەدەم گۈلشەن ئابباس ناھەق تۇتۇلغان يەنە بىر ئازابلىق خاتىرە يىلى، ھەدەمنىڭ ھېچقانداق سىياسىي مەقسىتى يوق ئىدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ خىتاي تۈرمىسىدە ئازاب چېكىۋاتىدۇ، ئۇ مېنىڭ خىتاينىڭ ۋەھشىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەنقىدلەشكە جۈرئەت قىلغىنىمنىڭ بەدىلىنى ئۆتەۋاتىدۇ. ھالبۇكى خىتاي بولسا مېنىڭ ئاشۇ گۇناھسىز، كېسەلچان ھەدەمنى قاماپ ھەم تۈرمىگە سولاپ، ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىسپاتلاپ بەردى. پىچاق سۆڭەككە يەتتى، مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىمىز خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملىق پاش قىلىدۇ، گۈلشەن ئابباسنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ناھەق تۇتۇلغان ھەر بىر ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ».