خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئېتىقاد بىرلەشمىسى 20-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «گۈلشەن ئابباسنىڭ باش ئاغرىش، يۇقىرى قان بېسىم، سۆڭەك يىرىكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى بار بولۇپ، ئۇ قەرەللىك داۋالىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ 2 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئائىلىسى بىلەن ئۇچراشتۇرۇلۇپ باقمىغان. خىتايدا سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى بولغان مەھبۇسلارنىڭ ئۇلار زۆرۈر بولغان مۇۋاپىق داۋالاشقا ئېرىشىشى رەت قىلىنغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن خەۋەرلەر بار» .
باياناتتا، «دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ ئائىلىسىنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى» ، «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى پائالىيەتچى سىڭلىسى روشەن ئابباسنى «بۆلگۈنچى» ، «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ھەققىدە ئۆسەك سۆز تارقاتتى» دەپ ئەيىبلىگەنلىكى، لېكىن گۈلشەن ئابباسنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى روشەن ئابباسنىڭ پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسىنىڭ نامىدىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر باياناتتا يەنە: «مەن خىتاينى ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىپ، بارلىق كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ياكى ئېتىقادىغا، جۈملىدىن ئازسانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئۇنى ئۆز قانۇنىنى خەلقئارا ئۆلچەملەرگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا چاقىرىمەن» دېيىلگەن. دوختۇر گۈلشەن ئابباس 2018-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا غايىب بولۇپ، كېيىنرەك ئۇنىڭ 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ «تېررورلۇق ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرۇشقا قاتنىشىش، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش، ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقان» قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى. خەلقئارا دىنىي ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى بىرلەشمىسى باياناتتا: «خىتاي دائىرىلىرى بىز ئىسلامنىڭ نورمال ئىپادىسى، دەپ قارايدىغان ئىشلارنى ‹ئاشقۇنلۇق› ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئوچۇق ئىپادىلەشنى ‹بۆلگۈنچىلىك› جىنايىتى، دەپ خاراكتېرلەندۈرمەكتە» دېگەن. خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئېتىقاد بىرلەشمىسى سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ۋاقتىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 37 دۆلەت ئەزا بولغان.