فىلىپپىن دائىرىلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا رازۋېدكا ئايروپىلانلىرى تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، فىلىپپىننى مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
فىلىپپىن تاشقى ئىشلار باش كاتىپنى ئالبېرت روسارىئونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ «3-P ئورىئون» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئايروپىلانى فىلىپپىن بىلەن خىتاي تالىشىپ كېلىۋاتقان دېڭىز تەۋەلىكىدە خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلايدىكەن.
ئامېرىكا رازۋېدكا ئايروپىلانى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالغان روسارىئو: ئەلۋەتتە بۇ ئۇچۇرلار بەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز پەقەت بىزگىلا تەۋە بۇ تېررىتورىيىلەردە نېمە ھەرىكەتلەر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك، دېدى.
خىتاي پۈتۈن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر دېڭىز بىلەن چېگرىلىنىدىغان فىلىپپىن، مالايشىيا، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنى بىئارام قىلغان.
فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا بۈگۈن فىلىپپىنغا بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەم سالمىقىنى يەنە ئاشۇرىدىكەن.