ھىندونېزىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.12.27

ھىندونېزىيەدىكى «جۇمھۇرىيەت خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيەدىكى بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتلار بۈگۈن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئورگانلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.

ھىندونېزىيەنىڭ يوگياكارتا شەھىرىدىكى 5 ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرلىرىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان بۇ بىرلەشمە بايانات بۈگۈن ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جاكارتادىكى ئىشخانىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەن.

مەزكۇر باياناتتا ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش، مۇھاجىرەتتە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان ئىكەن.

«جاكارتا پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن يەنە ھىندونېزىيەدىكى ئۆلىمالار كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىش ۋە ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن.

ھىندونېزىيە ئۆلىمالار كېڭىشى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى 17‏-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى.

ھىندونېزىيە ئۆلىمالار كېڭىشى ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرىغا پەتىۋا بېرىدىغان ئەڭ يۇقىرى دىنىي ئورگىنىدۇر. ئۇ ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغان ھۆكۈمەتكە چېتىشلىق تۇنجى ئىسلامىي گەۋدىدۇر. خىتاينىڭ 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىشى غەرب دۇنياسىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ھىندونېزىيەدىن باشقا كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھازىرغا قەدەر بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.