ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ تەيۋەن پىرېزىدېنتىنىڭ تەبرىكىنى قوبۇل قىلىشى خىتاينى بىئارام قىلغان
2024.06.06
ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلىپ، 3-قېتىم ھىندىستاننىڭ باش مىنىستىرلىقىغا سايلانغان مودى تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدېنىڭ تەبرىكىنى قوبۇل قىلغان. مودى يەنە ھىندىستان بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
5-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې X تىكى رەسمىي ھېسابى ئارقىلىق مودىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىگەن. مودىمۇ X دىكى رەسمىي ھېسابىدا بۇنىڭغا جاۋابەن «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىقتىسادىي-تېخنىكا شېرىكلىك مۇناسىۋىتىمىز داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، مەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ يازغان.
مودىنىڭ تەيۋەنگە بەرگەن بۇ ئىنكاسى خىتاينىڭ قاتتىق ئوغىسىنى قايناتقان.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن، يەنى 6-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى مودىنىڭ بۇ ئىنكاسىغا دەرھال قارشى ئىنكاس قايتۇرغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ «بىز خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار ھەرقانداق دۆلەتنىڭ تەيۋەن دائىرىلىرى بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى رەسمىي ئالاقىسىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەن.
ماۋ نىڭ يەنە ھىندىستاننىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى» نى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، «ئۇلار تەيۋەن تەرەپنىڭ سىياسىي سۇيىقەستىنى بىلىشى ۋە ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى كېيىنكى يىللاردا ئىزچىل ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان چېگرا توقۇنۇشىدىن باشقا، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئارتىپ بېرىشى سەۋەبىدىن ھىندىستان ئامېرىكا ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈنسايىن كۈچەيتكەن ئىدى.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ دېيىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈچىنچى قېتىم ھىندىستان باش مىنىستىرى بولغان مودىنى تېخى تەبرىكلىمىگەن. ئۇ، مودىنىڭ بۇندىن بەش يىل ئىلگىرىكى ئىككىنچى قېتىملىق سايلام غەلىبىسىدىن بىر كۈن كېيىنلا دەرھال تەبرىك سۆزى ئەۋەتكەن ئىكەن.