ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان لاداخ رايونى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى، گېنېرال مانوج ناراۋانى ئۆزلىرىنىڭ ھەرقاچان خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن «سۆھبەت ۋە تىنچ ئۇسۇلدا مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، ناۋادا توقۇنۇش ياكى ئۇرۇش بولۇپ قالسا ئۆزلىرىنىڭ غالىبىيەت ساھىبى بولىدىغانلىقىنى» ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 13-يانۋاردىكى باش ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئۆتكەن 20 ئايدىن بۇيان توقۇنۇش گىرداۋىدا تۇرۇۋاتقان لاداخ رايونىدا ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشقا تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، توقۇنۇش ياكى ئۇرۇشنىڭ ھېچ ئىلاج قالمىغاندا قوللىنىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى چارە ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭدا ئۆزلىرىنىڭ غەلىبىگە مۇتلەق ئىشەنچى بارلىقىنى ئىپتىخارلىق ئىچىدە تىلغا ئالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان-خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە 14-نۆۋەتلىك ھەربىي سۆھبەتنى باشلىغان بولۇپ، سۆھبەتتىكى بەزى قاتماللىقلار تەدرىجىي تۈگەشكە باشلىغان. ئەمما ھازىرمۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئالدىغا ئەڭ ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللانغان 50 مىڭچە ئەسكەرنى لاداخ رايونىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ بۇ خىلدىكى ئارمىيە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئاللىقاچان لاداخ رايونىدىن ھالقىپ كەتكەن.
ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان شىمالىي قىسىم تېررىتورىيەسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ خىلدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاماملاپ بولغان. ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ھەمدە ھىندىستان تەرەپ ئۆز تېرىتورىيەسى دەپ قاراۋاتقان جايلاردا تام سوقۇپ ئۆي سېلىشى ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا مەسىلىسىنى سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىشىغا ئېغىر توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلماقتىكەن.