ئىلشات ھەسەن: ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قوللىشى كېرەك

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.04.28

ھىندىستاندىن چىقىدىغان «دېككان خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدە دېموكراتىيە مەزمۇنىدىكى خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا قارشى كۈرەشلىرىنى قوللاشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» دەپ قاراشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ئىلشات ھەسەن 28‏-ئاپرېل باشلانغان «خىتايدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئۆز-ئارا دىئالوگى» ناملىق خەلقئارا يىغىنغا قاتناشماقتا ئىدى.

ئۇ، «دېككان خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشى لازىملىقىنى، شۇنداقلا ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قوللىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە «ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغان بىلەن ئۇلارنىڭ رادىكال ئىسلام بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى، تېررورلۇق بىلەن تېخىمۇ چېتىشلىقى يوقلۇقىنى، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ۋە ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەتكە ئىگە بىر قەدىمىي مىللەت» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مۇخبىر بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئىلشات يەنە «ئۆز ئانا ۋەتىنىنىڭ ‹شىنجاڭ› ئەمەس بەلكى ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ ئاتىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن» ۋە ھىندىستاننىڭ بىر دېموكراتىك مەملىكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرىغا باش ئەگمەسلىكى لازىملىقىنى تىلغا ئالغان.

ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان «كۈندىلىك شىكار» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ھازىر دارامسالا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «خىتايدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئۆز-ئارا دىئالوگى» ناملىق يىغىننىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىگە «يىغىن ھەققىدە بەك چوڭ داغدۇغا قوزغىماسلىق، شۇنداقلا يىغىن جەريانىدا خىتاينىڭ چىشىغا تېگىدىغان تېمىلاردىن يىراق تۇرۇش» ھەققىدە نەسىھەت قىلغان.

ئەسلى مەزكۇر يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسامۇ قاتناشماقچى ئىدى، بىراق ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 23- ئاپرېل ئۇنىڭ ۋىزىسىنى ئەتكەس قىلىپ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.