ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگرادىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە كېلىشكەن
2024.10.21
ھىندىستان دىپلوماتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي يېقىنقى يىللاردا ئەجەللىك توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھىمالايا رايونى چېگراسىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە كېلىشكەن. ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ دۇنيادىكى ھەربىي تىركىشىش ئەڭ كەسكىن رايونلاردىن بىرى بولغان ھىمالايا چېگراسىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش كېلىشىمىنىڭ، ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ 22-ئۆكتەبىر رۇسىيەنىڭ قازان شەھرىدە باشلىنىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا ئۇچرىشىشىنىڭ ھارپىسىدا ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا.
BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىكرام مىسرى 21-ئۆكتەبىر كۈنى ئىككى تەرەپنىڭ «2020-يىلى يۈز بەرگەن چېگرا يونىدىكى مەسىلىلەرنى پەسەيتىش ۋە ھەل قىلىش» قا كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى بىلەن خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى 2020-يىلى 6-ئايدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسايچىن تاغلىق رايونى بىلەن ھىندىستاننىڭ لاداخ رايونى چېگراسىدىكى گالۋان ۋادىسىدا تاش-توقماقلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، 20 دەك ھىندىستان ئەسكىرى ئۆلگەن. خىتاي قانچە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلمىغان. بۇ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا 1975-يىلدىن بېرى لاداخ-ئاقسايچىن چېگراسىدا يۈز بەرگەن ئەجەللىك توقۇنۇشى بولۇپ قالغان. ئارقىسىدىنلا 2022-يىلى 12-ئايدا، ئىككى تەرەپ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تىبەت-ھىندىستان چېگراسىنىڭ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى ئارۇناچال پرادېش شتاتى چېگراسىنىڭ ئەمەلىي چېگرا كونترول لىنىيەسىدە يەنە توقۇشقان. مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندە 17 قېتىم چېگرا سۆھبىتى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ چېگرادىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈمى بولمىغان.
BBC نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋىكرام مىسرى ھىندىستان-خىتاي چېگرا رايونىدىكى ئەمەلىي چېگرا كونترول لىنىيەسىدە قاراۋۇللۇق قىلىشنىڭ تەرتىپى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى، بۇ كېلىشىم 2020-يىلى بۇ رايونلاردا مەيدانغا كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى، پەسەيتىلىشىگە يول ئاچتى» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. نۆۋەتتە، مودى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ قازاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان كېسەك دۆلەتلىرى يىغىنىدا ئايرىم ئۇچرىشىدىغان-ئۇچراشمايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.