ھىندىستان بىلەن خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىمۇ ئىختىلاپقا چۈشتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.12.16

خىتاي-ھىندىستان چېگرا قوغداش قىسىملىرى ھىمالايادىكى چېگراسىدا بىر-بىرىگە قارشى تاش-توقماقلار بىلەن توقۇنۇشۇپ ئارقىدىنلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىمۇ بىر-بىرىگە قارشى ئىختىلاپقا چۈشكەن. ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جايشەنكار 15-دېكابىر خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە يىغىنىدا سۆز قىلغاندا خىتاينى ئىشارەت قىلىپ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇنبەرلەرنى «جىنايى جاۋابكارلارنى ئاقلاش ۋە قوغداشتا قالايمىقان قوللىنىلىۋاتقانلىقى» نى ئېيتىشى، خىتاي ۋەكىلىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

ھىندىستان 2008-يىلىدىكى بۇمباي تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتناشقان بەزى پاكىستانلىقلارنى ب د ت نىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بۇ تەكلىپنى توسۇپ قويغان.

166 ئادەم ئۆلگەن بۇمباي تېررورلۇق ھۇجۇمىغا پاكىستاننى بازا قىلغان لەشكەرى تائىبە جاۋابكار، دەپ ئەيىبلەنگەنىدى. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا جايشەنكار خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭ «يېتەرلىك سەۋەب كۆرسەتمەيلا دەلىللەرگە تايانغان تەكلىپ لايىھەلىرى» نى توسۇپ قويغانلىقىنى ئەيىبلەپ، «بۇ كېڭەشنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا قوش ئۆلچەمنى قانداق قىلىمىز؟ بەزىلەر ئۇزۇندىن بېرى تېررورلۇقنىڭ بىر خىل ۋاسىتە ياكى تاكتىكا بولۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى» دەپ سۆزلىگەن.

ئۇنىڭغا قارىتا خىتاينىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۈن سۆز ئېلىپ، پۈتۈن تەرەپلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە «گېئو-سىياسى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك بىر تەرەپلىمىلىكلەردىن ۋاز كېچىشى» نى، بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، بەزى دۆلەتلەرنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى سىياسىيلاشتۇرۇشى، ۋاستىلاشتۇرۇشى، قوش ئۆلچەم ياكى تاللاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى ئەپسۇسلىنارلىق» بولۇپ، «بۇ، يەرشارى تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا» ئىكەن. ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتا تېررورلۇقنى باھانە قىلغانلىقىنى قەيت قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاي ۋەكىلىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى ئەڭ مۇھىم تېررورلۇق تەشكىلاتى دېيىشى دىققەت قوزغىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.