خوڭكوڭدا تۇنجى قېتىم بىر ئايال مەمۇرىي رايون باشلىقلىقىغا سايلاندى

26-مارت كۈنى خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون باشلىقىنى سايلاشتا خوڭكوڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر ئايال سىياسىيون غەلىبە قىلىپ، خوڭكوڭنىڭ ئالىي رەھبىرىلىك ئورنىغا ئېرىشتى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىن جېڭيۆ ئې، يەنى كەررى لام خانىم (Carrie Lam) 1186 كىشىلىك سايلام كومىتېتى ئەزاسىنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق 777 بېلەتكە ئېرىشىپ، رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىيىتىنىڭ باشلىقىغا سايلانغان.

ئەمما، كەررى لامنىڭ غەلىبىسى نارازىلىق بىلدۈرۈشلەرگىمۇ دۇچ كەلگەن بولۇپ، بىر توپ كىشىلەر سايلام نەتىجىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خوڭكوڭنىڭ سايلام تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. كەررى لامنى قوللىمايدىغانلار ئۇنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشىنىڭ بېيجىڭنىڭ قوللىشى بىلەن بولغانلىقى، سايلام كومىتېتىدىكى 1200 كىشىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ بېيجىڭ تەرەپدارلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

كەررى لام سايلامدىن كېيىن سۆزلىگەن سۆزىدە سىياسىي ئىسلاھات مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان. ئەمما مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە خوڭكوڭدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر قاتار مەسىلىلەر بارلىقىنى، بۇ ئىشنى كەينىگە قويغانلىقى، ئەمما ئېنىق ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كەررى لام 1957-يىلى، خوڭكوڭدا تۇغۇلغان بولۇپ، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوڭكوڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن. ئۇ، 2012-يىلى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خوڭكوڭ مەمۇرىيىتىنىڭ ئەدلىيە باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، خوڭكوڭدىكى 2-نومۇرلۇق ھوقۇقدار شەخسكە ئايلانغان ئىدى.